باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

كېلىشكەن مەھبۇس مودېل بولىدىغان بولدى

2015.03.07 09:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى تېخىچە جازا ئۆتەۋاتقان ‹‹ئەڭ كېلىشكەن مەھبۇس›› جىرمىي مودېل ۋاسىتىچىلىك شىركىتى بىلەن توختام تۈزگەن بولۇپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مودېللىق ھاياتىنى باشلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى 30 ياشقا كىرگەن مەھبۇس جىرمىي قانۇنسىز قورال-ياراغ ساقلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرگەن. ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرگەندە تارتىلغان سۈرىتى ئالاقە تورىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ كېلىشكەن قامىتى، سۇس كۆك رەڭلىك كۆزلىرى نۇرغۇن تورداشنى ئۆزىگە رام قىلغان، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مودېل ۋاسىتىچى شىركەتلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ قامىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزمەكچى بولغان. جىرمىي ئاخىرى White Cross Management مودېل شىركىتى بىلەن توختام تۈزگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، جىرمىي بۇ يىل نويابىردا قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ مودېللىق ھاياتىنى باشلايدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىر پارچە تۈرمىگە كىرىش سۈرىتىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكىنىگە ئۇ ئۆزىمۇ ھەيران قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر