باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

«فېررېرو روچېر شاكىلات ئاتىسى» ۋاپات بولدى

2015.02.28 17:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان دۇنياغا داڭلىق شاكىلات ماركىسى ‹‹فېررېرو روچېر›› قاراشلىق بولغان فېررېرو روچېر گۇرۇھىنىڭ 22 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار بولۇپ، يىللىق تىجارەت سوممىسى 9 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىتالىيەلىك بىرىنچى باي، «فېررېرو روچېر شاكىلات ئاتىسى»، ئىتالىيە شاكىلاتى ۋە ئۇششاق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى بولغان «فېررېرو روچېر» گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى مىكېل فېررېرو 2015-يىلى ئاشىق-مەشۇقلار كۈنى 89 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

  ئىتالىيەلىك بىرىنچى باي فېررېرو ئېغىر بېسىق، كەمتەر ئادەم بولۇپ، ئۇ پېدمونت رايوندىكى كىچىك بىر شىركەتنى دۇنياغا داڭلىق شاكىلات گۇرۇھىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغان، فوربېس ژۇرنىلىنىڭ مۆلچەرى بويىچە، فېررېرو ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2013-يىلى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قىممەت بىلەن ئىتالىيەدىكى ئەڭ باي ئائىلە ئورنىغا چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر