باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئىت ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ئەقىللىق ئىكەن

2015.02.28 17:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋيېنا تەتقىقاتچىلىرى ئىتنىڭ ئىنسانىيەتتىكى ئاچچىقلاش ۋە خۇشال بولۇش قاتارلىق چىراي ئىپادىلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. ئۇلار مۇنداق دېيىشىچە، بۇ بولسا ئىنسانىيەتكە تەۋە بولمىغان ھەرقانداق ھايۋاناتلارنىڭ باشقا خىلدىكى چىراي ئىپادىلىرىنى پەرق ئېتىشتىكى تۇنجى ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىسپات ھېسابلىنىدىكەن.

  ۋيېنا مال دوختۇرلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Ludwig Huber مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىت ئىنسانىيەتتىكى ئاچچىقلاش ۋە خۇشال بولۇش قاتارلىق چىراي ئىپادىلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ھەمدە بۇ ئىككى خىل چىراي ئىپادىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. ئىتلار تونۇش ئادەملىرىنىڭ چىراي ئىپادىلىرىنى پەرق ئېتىپلا قالماستىن، يەنە ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغان ناتونۇش ئادەملەرنىڭ چىراي ئىپادىلىرىنىمۇ ئوخشاشلا پەرق ئېتەلەيدۇ. خۇددى بىزگە ئوخشاشلا، ئىتمۇ كۈلۈمسىرەشنىڭ بىر خىل ئاكتىپ ياخشى مەنىسى بارلىقىنى، ئاچچىقلاشنىڭ پاسسىپ مەنىسى بارلىقىنى بىلىدۇ».

  بۇ بايقاشلار بىر تۈرلۈك سىناق ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقىلغان بولۇپ، سىناقتىكى ئىككى گۇرۇپپا ئىت ئىنسانىيەتنىڭ بىر تۈرلۈك رەسىملىرىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن. بىر گۇرۇپپىدىكى ئىتلار پۇتى بىلەن خۇشال بولغان كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق يېمەكلىك بىلەن مۇكاپاتلانغان، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى ئىتلار بولسا ئاچچىقلانغان چىراي ئىپادىلىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلانغان. ھەر قېتىم كومپىيۇتېر توغرا بولغان تاللاشنى خاتىرىلىگەندىن كېيىن، سېزىمچان ئېكران ئاپتوماتىك ھالدا يېمەكلىك چىقىرىپ بەرگەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئىتنىڭ ھەر قېتىم كۈلۈمسىرىگەن ياكى ئاچچىقلانغان چىراي ئىپادىلىرىنى تاللاشنى سىناق قىلىش سانى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىكىدىنمۇ كۆپ بولغان.

  تەتقىقاتنىڭ شېرىك ئاپتورى، مال دوختۇرلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Ludwig Huber مۇنداق دېگەن: «بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلارغا (ئىتقا) ئېلىپ كەلگەن ھەرىكىتى ۋە فىزىئولوگىيەلىك تەسىرنى تېخىمۇ تەتقىق قىلىپ كۆزىتىشىمىز كېرەك، مەسىلەن: ئىت بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ساپ يۇقۇملىنىشنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا». ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتىلىدىكى، ئىتنىڭمۇ بېرەر ئادەمنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىنى كۆرگەندە ھېسداشلىق قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

  ئىتمۇ باشقا ھايۋاناتلارغا قارىغاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قىلىقلىرى ۋە ئالاقە ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئىكەن. تەتقىقاتلاردا ئىپادىلىنىشچە، ئۇلار (يەنى ئىت) قول ئىشارىتىگە بولغان ئىكناسى ئارقىلىق يوشۇرۇنغان يېمەكلىكلەرنى ئىزدەشتە باشقا ھايۋاناتلارغا قارىغاندا بەكرەك ماھىر ئىكەن، ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل ئەھۋال ئاستىدا كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىت يەنە كۆندۈرۈلۈش جەريانىدا ئالاھىدە بولغان مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي تېخنىكىلارنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرالىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر