خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم): 25-ئاپرېل، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ« ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى»پائالىيىتى بېيجىڭ مىللەتلەر ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبىن پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھەدىن تەكلىپ قىلىنغان تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.
بۇ قېتىمقى ئېچىۋېتىش كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئىككى مەيدانغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جامائەتچىلىككە مول مەزمۇنلۇق نەق مەيدان پائالىيىتى سۇنۇلدى، تاماشىبىنلار ئارتىسلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ سەنئەت بىلەن يېقىندىن ئۇچۇراشتى.سەھنە ئۇنىۋېرسال ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كلاسسىك ناخشىلىق مۇزىكسى، ساز ۋە ئۇسسۇل نۇمۇرلىرى ئورۇنلاندى. جاڭ پىڭ، جاڭ چىپىڭ، گۇ چەنچەن، ئىليار قاتارلىق ياش سەنئەتكارلار تاماشىبىنلارغا ئوخشىمايدىغان سەنئەتنى ھېس قىلدۇردى. داڭلىق سەنئەتكار تېڭگېر، ۋۇ دەنمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ تاماشىبىنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، مىللەتلەر تىياتىر خانىسىنىڭ فۇنكىسيىسىمۇ ھەممە تەرەپدىن تاماشىبىنلارغا نامايان قىلىندى.
تىياتىرخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ياش سەھنە لايىھىلىگۈچىنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى، تىياتىرخانىنىڭ شىمال ئىشك تەرەپىدە قازاق سەنئەتكارلار نومۇر ئورۇنلىدى، تىياتىرخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە زاڭزۇ سەنئەتكارلار ئويۇن قويدى، يەر ئاستىدىكى كىچىك تىياتىرخانا تۇنجى قېتىم مىللەتلەر ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇڭغۇل، ئۇيغۇر، زاڭزۇ، جۇاڭزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق بەش مىللەت ئارتىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە ئائىلە تۇرمۇشى ۋە سەنئەت نومۇرى نامايان قىلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى