باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ نېمە ئۈچۈن بىر ئايدا ئىككى قېتىم باشقا جايلارغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ؟

2015.04.27 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭنىڭ بىر ئايدا ئىككى قېتىم يەرلىككە بېرىپ تەكشۈرۈشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. لى كېچياڭ 4-ئاينىڭ بېشىدا جىلىن ئۆلكىسىگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، شەرقىي شىمالنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەكلىكىنى، ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئۇ 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىگە بېرىپ تەكشۈرگەندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى مۇقىم ئېشىشنىڭ ئۆتكۈر قورالى قىلىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  جەنۇب ۋە شىمالنى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولسا، بۇنىڭدىكى ھالقىلىق سۆز «ئىسلاھات»، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان فۇجيەن. 1-پەسىللىك ماكرو ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا ئۇزاق بولمىغان، ئىقتىسادنىڭ ئېىشىشىنىڭ ئاستىلاش بېسىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان مەزگىلدە، لى كېچياڭ تۇنجى بولۇپ فۇجيەندىكى ۋىۋىسكا ئېسىلغىنىغا بىر كۈن بولغان فۇجيەن ئەركىن سودا رايونىنىڭ شيامىن تارماق رايونىغا، ئايرىلىشتىن بۇرۇن يەنە يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە يەنفۇنىڭ ئەسلى تۇرالغۇسىغا باردى. ئەركىن سودا رايونىنى ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى «تەجرىبە ئېتىزى» دېسەك، ئۇنداقتا يەنفۇ «دۇنياغا نەزەر سېلىش»نىڭ باشلامىچى، بۇ ئىككى تەكشۈرۈش نۇقتىسى «ئىسلاھات ئېچىۋېتىش»تىن ئىبارەت روشەن ۋە چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ لى كېچياڭنىڭ پەقەت شەرقىي جەنۇبتىن كۈتكەن ئۈمىدى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن مەملىكەت ۋەزىيىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك ئويلىنىشى بولۇپ، ئۇنىڭ «ئىسلاھات ئەڭ چوڭ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ئېچىۋېتىش زور ھاياتىي كۈچنى ئۇرغىتىدۇ» دەپ تەكىتلىگىنىگە ئوخشاش.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر