باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن جۇڭخۇا كىتابخانىسىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىۋېتىش كۈنىدىكى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالغا باسىدىغان، ئىلغارلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچلەرنى كۈچەيتىش كېرەك

2015.04.24 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» يېتىپ كېلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 23-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن جۇڭخۇا كىتابخانىسىغا بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كىتاب ئوقۇش پايدىلىق بولۇپ، ئەقىلگە ئەقىل قوشىدۇ، كىتاب ئوقۇش بىر دۆلەتنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىنىڭ ئاساسىي يولى، ئۆگىنىشچان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەرنى بېرىلىپ كىتاب ئوقۇشقا، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا، ماھىرلىق بىلەن كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەپ، ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئالغا باسىدىغان، ئىلغارلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى نۇرغۇن ئامما ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «كىتاب ئوقۇش كىشىنى جانلىق پىكىر يۈرگۈزگۈزۈپ، ئەقلىگە ئەقىل قوشۇپ، ئۇلۇغۋار ساغلام كەيپىيات يېتىلدۈرىدۇ» قاتارلىق كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىشكە ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرى روشەن قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، كىتاب ئوقۇشتىكى ئۆزگىچە كەيپىياتنى ھېس قىلدۇردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر