باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ نېپالدىكى يەر تەۋرەش توغرىسىدا زۇڭتۇڭ ياداۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئىۋەتتى

2015.04.27 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 25-ئاپرېل نېپالدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش توغرىسىدا نېپال زۇڭتۇڭى ياداۋغا ھال سوراپ تېلېگراممىسى ئىۋەتتى. ھال سوراش تېلېگراممىسىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  نېپالدا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ۋە مال-مۈلۈكنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق ئېچىندىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىمدىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئاپەتتە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.زۇڭتۇڭ جاناپلىرى ۋە نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە نېپال خەلقىنىڭ ئاپەتكە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، جۇڭگو خەلقى چوقۇم نېپال خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى بارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر