باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنىڭ %30 تاماملاندى

2015.04.28 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزائىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا ئايان بولىشىچە، ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ %30 ئى تېرىلىپ بولغان، مۇخبىر زىيارەت قىلىش داۋامىدا بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا بەزى يېڭى ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ۋاستىسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايقىدى.

  ياڭ گۇاڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى دېھقان، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتى چېڭدۇدىكى يەر تېرىش كەسپى باشقۇرغۇچىسى، ئەسلىدە ئۇ تور ۋە تاراتقۇلاردىن ئىشقا قوبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئالاھىتەن چېڭدۇغا كېلىدۇ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كەنتنىڭ يەر پېيى كوپىراتىپى ئالدى بىلەن دېھقانلارنىڭ يېرىنى يۈرۈشتۈرۈپ بېرىدۇ، ئاندىن كوپراتىپ كېڭىشى كەسپى باشقۇرغۇچىنىڭ ئاساسى يېزا ئىگىلىك ئشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى باھالاپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن خىزمەت ئورنىدا تەربىيەلەپ ئاخىرى رەسمى ئىشقا قويىدۇ.

  مۇشۇنداق يېڭى مېخانىزمنىڭ تۈرتكىسىدە ياڭ گۇاڭغا ئوخشاش كەسپى باشقۇرغۇچىلار چوقۇم بارلىق ئاماللار بىلەن يېرىنى ياخشى تېرىيدىغان بولدى، ئۇنداق بولمايدىكەن زىياننى ئۆزى پۇل چىقىرىپ تۆلىشى كېرەك، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ يەرنى ياخشى تېرىشى ئۈچۈن يەنە مەخسۇس يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت تاللا بازىرى قۇرۇپ، تېرىشتىن يىغىمغىچە دېھقانلارنى تۈرلۈك كەسپى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلدى.

  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى بىرىنچى چوڭ ئۆلكە خېيلوڭجياڭ بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئىلگىرىكى ھەر بىر ئائىلە تارقاق تەييارلىق قىلىش قېلىپىنى ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىپ بىراقلا تەييارلىق قىلىش قېلىىپىغا ئۆزگەرتىپ، ئوغۇت، ئۇرۇقنى بىرتۇتاش سېتىۋالىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەر كۆلىمى چوڭ، سېتىۋېلىش سانى كۆپ بولغاچقا، تەننەرخ بىراقلا چۈشتى.

  يېزا ئىگىلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە 94 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان تۈرلۈك دېھقانلار كوپىراتىپىغا كىرگەن، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر