باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)» قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتنى تارقاتتى

2015.04.28 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)»، «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)»، «مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)»نى تارقاتتى.

  بۇ ئۈچ «نامزاتلىققا كۆرسىتىش-تەكشۈرۈش چارىسى» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، پارتىيەنىڭ نىزام-بەلگىلىمىلىرى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 36-تارمىقىنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە خاتالىقىنى دەرھال ئۆزگەرتىشى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ تۈزۈم نەتىجىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تەشكىلىي تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. چارىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىش، كۆزىتىشكە باغلاپ تۇرۇپ بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەشكىلات بۆلىمىنى ئاساس قىلىپ، ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، كۆزىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. نامزاتلىققا كۆرسىتىش شەرتىدە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسى نامزاتلىرىنىڭ نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، ماھىر بولۇشى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئىلغار كادىرلارنى تاللاشقا ئېتىبار بېرىش ئالاھىدە تەكىتلەندى؛ كادىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسىدە، ئادەم تاللاش نەزەر دائىرىسى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى ئىچىدىن ۋە سىستېما سىرتىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئالمىشىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. نامزاتلىققا كۆرسىتىش، كۆزىتىش تەرتىپىدە، نامزاتلىققا كۆرسىتىش، كۆزىتىشنىڭ كونكرېت تەلەپلىرى ۋە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە خىنايەتچىلىك، چىرىكلىشىش دېلوسىغا چېتىشلىق ئونمىڭغا يېقىن كىشى تەكشۈرۈلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر