باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى

2015.04.30 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز راھىلە توختى خەۋىرى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،كۇچاناھىيەسى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ،ئونۋېرسال باجدىن خالىي رايۇنى،سانائەت رايۇنىغا تايىنىپ،دۆۋلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىككە يار-يۆلەكتە بولىدىغان بىر قاتار ئېتىبارلىق سىياسەتلەرنى ئەستايىدىلئىزچىللاشتۇرۇپ،ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرۈتكە بولدى.پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشئارقىلىق،ئوتتۇرا،كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ غەملەش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2مىليارد538مىليون يۈەن قەرىز ئېلىپ بەردى؛ئىش ئورنىدىن قالغان ۋە تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپئوقۇغۇچىللىرىدىن 4354كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.ھازىرغىچە،ناھىيە بويىچە خۇسۇسىي كارخانا 2112گە،يەككە سودا-سانائەتچىلەر 12645گە،دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپراتىپى 238كە يەتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر