باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 4600 دانە كىتاب ئىئانە قىلىپ مەكتەپ كۇتۇپخانىسنى كىتابقا توشقۇزدى

2015.04.28 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان خەۋىرى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:23-ئاپرېل دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ھەممە ئادەم كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى ئادەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بالىلارنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇش،ياخشى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، 23-ئاپرېل ئونسۇ ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ” كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، كىتاب مەدەنىيىتىنى مەكتەپتە ئەۋج ئالدۇرۇش“ كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  مۇراسىمدا ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 1600 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۆيلىرىدكى ياخشى كىتابلارنى ئېلىپ چىقىپ كىتاب ئىئانە قىلىش ئۈستىلىگە قويۇپ،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئوقۇدى. دەستە دەستە كىتابلار مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانا كارىدورى ۋە ئوقۇيدىغان كىتاب مەنبەسىنى تولۇقلاپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا ئۆزى تاللاپ كىتاب ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەردى. ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق 5-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئۈمىد غەيرەت مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەكتەپ كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتىگە تەشكىللىدى. ھەر بىر يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى ئىئانە قىلىپ،مەكتەپنى كۇتۇپخانىغا ئايلاندۇردۇق. ھەممە يەردە كىتاب مەدەنىيىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.مەن چوقۇم كىتابتىن كۆپرەك بىلىم ئۆگىنىمەن،ھەمدە بۇ بىلىملەردىن ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولىمەن.3-يىللىق 3-سىنىپتىكى جىياڭ شۇيۆ ئادەتتە كىتاب ئوقۇشقا بەكمۇ ئامراق بولۇپ، ئۆيىدە نۇرغۇن كىتاب بار ئىدى. بۇ قېتىمقى كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتىدە ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان 5 كىتابنى مەكتەپكە ئىئانە قىلدى.ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ساۋاقدىشىنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ، كۆپرەك بىلىم ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جىياڭ شۇيۆ مۇنداق دېدى: كىتاب گويا بىر قولۋاق ، ئۇ بىزنى بىلىم دېڭىزىغا باشلاپ بارىدۇ. كىتاب گويا بىر شىشە مەي، تەمىنى تېتىشنى بىلگەن ئادەم ئۇنىڭدىن لەززەت ئالالايدۇ. مەن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، كىتابلىرىمنى مەكتەپكە ئىئانە قىلغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇشنى بارغانسېرى ياقتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىستاستىكا قىلىنىشىچە،شۇ كۈنى 4600 دانە كىتاب ئىئانە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەر، بالىلار ئوقۇشلۇقى، كارتون رەسىملىك كىتاب،مەسەل، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى ۋە قوللانما كىتابلار بار ئىكەن.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا ئۈزلۈكسىز كىتاب تولۇقلىغان ھەمدە ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى ئوقۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ،كارىدور ۋە سىنىپ ئىچىدىكى بوش يەرلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئېچىۋېتىش شەكىلدىكى كىتاب كارىدورى ۋە كىتاب بۇلۇڭى لايىھەلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى خالىغان ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى لى مىڭشۇ مۇنداق دېدى :بۇ يىل مەكتىپىمىز مەكتەپنى كۇتۇپخانا ئىچىگە قۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلدۇق. ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئېچىۋېتىش شەكلىدە ئوقۇش پائالىيىتى تەشكىللەپ، مەكتەپ بويىچە كىتاب ئىئانە قىلدۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابنىڭ سېھرى كۈچى ۋە كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپ،كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ،كۆپرەك بىلىم ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر