باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسلىرى نېپالدىكى يەر تەۋرەشنى چۈشەندۈردى

2015.04.28 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېپالدا تۈنۈگۈن سائەت 15:09 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم 7.1 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرغىچە، نېپالدىكى 8.1 بال يەر تەۋرىگەن جاينىڭ ئەتراپىدا ئىككى قېتىم يەتتە بال يەر تەۋرىدى. كەلگۈسىدە يەنە بىر قەدەر كۈچلۈك قالدۇق يەر تەۋرەمدۇ؟ بۇ-ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مۇخبىر جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورى يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى جياڭ خەيكۈننى زىيارەت قىلدى. جياڭ خەيكۈن مۇنداق دېدى: ئىككى قېتىم يەتتە باللىق قالدۇق يەر تەۋرەش-نورمال ئەھۋال. سەككىز بال ئەتراپىدىكى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ نەچچە ئايغىچە داۋاملىشىش مۇمكىنچىلىكى بار. نېپال، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ شىزاڭدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلاردىكى ئاممىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدە يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك قالدۇق يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىشىگە توغرا كېلىدۇ. جياڭ خەيكۈن مۇنداق دېدى: نېپالدا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ نېپال بىلەن قوشنا جايلىرىدا ناھايىتى تېزلا يەر تەۋرەپ، كۈچىنىش دولقۇنى ناھايىتى روشەن بولدى شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار رايونلىرىنىڭ نىسبەتەن بىر قەدەر يۇقىرى كۈچىنىش ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولۇپ، دولقۇنلىنىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شىزاڭدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش-ئەمەلىيەتتە نېپالدىكى 8.1 بال يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان كۈچىنىش دولقۇنىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: نېپالدىكى يەر تەۋرەش-ئېلىمىز غەربىي رايونىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تارماقلىرى بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر