خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاياللار تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى مەريەمنىڭ سۆڭىكى ئىككى يەردىن سۇنۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. شىنجاڭ شەھەر گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىياڭياڭ 25-ئاپرېل سائەت 14:11 مىنۇت ئۆتكەندە، نېپالدا 8.1 بال يەر تەۋرىدى. 26-ئاپرېل، شىنجاڭ شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق نېپالدا يەر تەۋرىگەندە، نەق مەيداندىكى ئۈچ تارماق تاغقا چىقىش ئەترىتىدىكى ئۈچ شىنجاڭلىق بار بولۇپ، نۆەتتە يارىدارلار بىخەتەر ھالدا دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كىلىندى.
شىنجاڭدىكى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئۈچ تاغقا چىقىش ئەترىتىدىكىلەر ئىچىدە ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق تاغقا چىقىش ئەترىتى بار بولۇپ، بۇ قېتىم جۇڭگولۇق تاغقا يامىشىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى مەريەم چومۇلاڭما چوققىسىدىكى قار كۆچۈشتە بىر سالغا تېشى بېسىۋالغانلىقتىن يارىلانغان بولۇپ، 26-چېسلا چۈشتە، مەريەم ئالدى بىلەن تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ 4200 مېتىر ئېگىزلىكىگە قونغان. ھاۋا رايى ناچار بولغانلىقتىن داۋاملىق ئۇچۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان. شۇ كۈنى سائەت 16:00لەر ئەتراپىدا، مەريەم نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندوغا ئاپىرىلغان، نۆۋەتتە، مەريەمنىڭ ئىككى سۆڭىكى ئىككى سۇنغان. ئۇ باشلاپ ماڭغان تاغقا چىقىش ئەترىتى ئىچىدىكى بىر نەپەر ئەر ۋە ئىككى نەپەر شەرپالىق قازا قىلغان. يارىلانغانلار لۇكالا ۋە كاتماندودا داۋالىنىۋاتىدۇ.«خۇاشى مەركەز گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «ھەر تەرەپنڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭلىق سوڭ يۈجياڭ ۋە لى جيەنخوڭنىڭ ئىككى تارماق ئەترىتى بىخەتەر ئىكەن.
شىنجاڭلىق قۇتقۇزۇشقا مەسئول خادىملارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار نۆۋەتتە ئېرىشكەن ئۇچۇر شىنجاڭلىق سوڭ يۈجياڭ ۋە لى جيەنخوڭنىڭ ئىككى تارماق ئەترىتى بىخەتەر ئىكەن، بىراق بۇ ئەترەت ئىچىدە يەنە باشقا شىنجاڭلىق بارمۇ يوق بۇ نامەلوم ئىكەن.
شىنجاڭلىق قۇتقۇزۇشقا مەسئول خادىم يەنە، ئۇلار ئۆزلىرى ئېرىشكەن بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تور ئۇچۇرلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلار شاھىدلار بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە: خەلق تورى