باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى داۋالاش ئەترىتى نېپالغا يۈرۈپ كەتتى

2015.04.28 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى سىچۈەن ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى 58 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش ئەترىتى نېپالدىكى يەر تەۋرىگەن جايلارغا بېرىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تېببىي ياردەم قىلىشق قاتنىشىش ئۈچۈن، بۈگۈن سەھەر سائەت تۆتلەردە چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئىجارە ئايروپىلان بىلەن يولغا چىقتى.

  داۋالاش ئەترىتى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، داۋالاپ قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى گۇرۇپپىسى، يۇقۇمدىن ساقلىنىش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمى، دورا بۆلۈمى، سۆڭەك بۆلۈمى، پەرۋىش بۆلۈمى، پىسخىكا بۆلۈمى قاتارلىق نۇرغۇن بۆلۈملەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلار نېپالدا داۋالاپ قۇتقۇزۇش، سەھىيە يۇقۇمىدىن ساقلىنىش، روھىي توسالغۇلارنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ داۋالاش ئەترىتى نېپالدىكى ئاپەت بولغان جايلاردا ئون كۈن ئەتراپىدا ئىشلەيدىكەن، داۋالاش قوشۇنى زۆرۈر بولغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئەشيا ماتېرىياللىرى ھەم تۇرمۇش كاپالەت ئەشيالىرىنى ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نېپالدىكى خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئىككى ھەپتىگىچە قامدىيالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر