خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: غالىپ تۇرسۇن ، ئامىنە مۆيدىن خەۋىرى ، فوتۇسى: بۈگۈر ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈتۈپخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرۇلىشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغانلىقتىن ، ھازىر ناھىيە بۇيىچە ئىدارە – ئورۇن ، يېزا ، بازار ۋە كەنىت ، مەھەللىلەردە 145 تىن ئارتۇق كۈتۈپخانا ۋە قىرائەتخانا بارلىققا كېلىپ ، قاپلىنىش نىسبىتى %99 كە يېتىپ ، كەڭ ئاممىنىڭ مەنىۋىي تۇمۇشىنى بېيىتىش ، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق روھىنى ئۇرغۇتۇش ، پەن – تېخنىكا ئۈگىنىپ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش ، قانۇننى ئۈگىنىپ مۇقىملىقنى قوغداش ، يېڭى ئۇچۇر ، يېڭى بىلىملەر ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى .
سۈرەتتە : بۈگۈر بازىرى قىزىل كۆۋرۈك ئاھالىلەر كومىتىتىدىكى ئامما قىرائەتخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئالماقتا .
بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى