باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كارخانىلىرى بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى بازارلارنى ئورۇنلاشتۇرماقتا

2015.04.28 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 117-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدىن ئىگەللىشىچە، بىر بەلباغ بىر يول سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئېكىسپورت كارخانلىرى بىر بەلباغ بىر يولنى بويلاپ ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.

  خەلقئارالىشىش يولىنى بويلاپ كېتىۋاتقان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ماگىناتى خەيئېر گۇرۇھى بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى بازارلارنى يەر شارى ئىستراتېگيەلىك پىلانىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى قىلدى، جياڭسۇ ۋۇشى كاپې ئېنېرگيە چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى جاۋ پېڭجۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇش پۇرسىتىدە كارخانىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا شېركىتىمىز يەرشارىدىكى ھەرقايسى دۆلەت، رايونلار بىلەن بولغان ئىستراتېگيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى پائال ئاچىدۇ.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى سودىسى داۋاملىق تېز ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرمۇ پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يول بويدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشى ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇردى، تېخىمۇ كۆپ قوللاش سىياسەتلىرى كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىگە ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

  گەنسۇ سودا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، گەنسۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى گەنسۇ ئالتۇن بۆلىكى قۇرۇشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا كارخانلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىشگە مەدەت بېرىپ، ئېكىسپورت كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتتى، گەنسۇ ئۆلكىلىك سودا نازارىتى ئۆتكەن يىلى بىلروسىيە، قازاقئىستان، ئىراندا ئايرىم ئايرىم ئۈچ ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۈپىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشتى.

  يېقنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتساد سودا ئالاقىسى ۋە كۈندۈلۈك ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، لىنيە بويىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر داۋاملىق كۆپەيدى، مەلۇماتقا قارىغاندا، ئالدىنقى نۆۋەت لىنيە بويىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر سانى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدىكى چەتئەللىك سودىگەرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %40دىن كۆپرەكىكىنى ئىگەللىگەن، بۇ نۆۋەت بۇ سان داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر