باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

توكيودا ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋاغا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىدى

2015.04.28 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەچچە مىڭ ياپونىيە ئاممىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن توكيو كوچىلىرىغا چىقىپ، «خېنوكو بازىسى قۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز»، « ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىتتىپاقلىقىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى سەپىرىنى ئەمدىلا باشلىغان ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ ياپونىيە خەلقىنىڭ ئوكىناۋادا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىنى يېڭىدىن قۇرۇشقا قارشى سادالىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  فۇتېنمادىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسى ئوكىناۋانىڭ گىنوۋان شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، بىخەتەرلىك ۋە شاۋقۇن قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن يەرلىك ئاھالىلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ياپونىيە ئىزچىل ئامېرىكىدىن بازىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، ئاممىمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىنى ئوكىناۋادىن يۆتكەشنى ئۈمىد قىلدى.

  ھالبۇكى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلمىدى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خېنوكو بازىسىدا قېدىرىپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، بۇ قىلمىش ئوكىناۋا ئاممىسىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك كۆپ قېتىم توقۇنۇش بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر