باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلار كۇتۇپخانىسى مەدەنىيەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارىنى تەڭ ھازىرلىدى، كەنت ئاھالىلىرى كىتاب ئوقۇشتىن خۇشاللىق تاپتى

2015.04.29 08:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان ، خەۋىرى:”دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى “دىن ئىبارەت بۇ بايرام ھەممە ئادەمگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. بىراق ھەممە ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇشتىن خۇشاللىق تاپالىشى ناتايىن. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئونسۇ ناھيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزا دېھقانلىرى بوش ۋاقىت بولسىلا دېھقانلار كۈتۈپخانىسىغا كېلىپ كىتاب كۆرۈپ، كىتاب ئوقۇشتىن خۇشاللىق ئىزدەيدىغان بولدى.

  30 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ ئۆيدىكى كىتاب جازىسىغا ھەر تۈرلۈك كىتاب تىزىلغان بولۇپ، كىتاب كۆرگىلى كەلگەنلەر كىتاب جازىسىغا يۆلىنىپ ياكى بىر چەتتە زوڭزىيىپ كىتاب ئوقۇيدۇ. ئۇلار بېرىلىپ ئوقۇپ كىتابتىكى سىرلىق دۇنياغا كىرىپ كەتكەنلىكتىن كۈتۈپخانا ئىچى ئادەم يوقتەك تىمتاسلىققا چۆمىدۇ. كىتاب كۆرۈپ چارچاپ قالسا قولىغا داپنى ئېلىپ رىتىملىق چالىدۇ. ئارقىدىن يەنە بىرى تەمبۇر چېلىپ ناخشىنى باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۈتۈپخانا بىردىنلا جانلىنىپ ئۇلارنىڭ سەھنىسىگە ئايلىنىدۇ. بىر چەتتە كىتاب كۆرۈۋاتقانلارمۇ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئادەتتە ساز چېلىشقا ئامراق گۈلنارەم ھەسەن دائىم دوستلىرى بىلەن جەم بولۇپ مۇزىكا چېلىپ ناخشا ئېيتاتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ يىغىلىش ئورنى دېھقانلار كۈتۈپخانىسىغا ئايلاندى. ئۇلار بۇ يەردە كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتتىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي، ساغلام يۇقىرى ئۆرلەيدىغان پوزىتسىيە يېتىلدۈردى. دوستلىرى بىلەن كۈلۈشۈپ كۈنلەرنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىدىغان بولدى.گۈلئاۋات يېزا ئاق ئۆستەڭ كەنت ئاھالىسى گۈلنارەم ھەسەن مۇنداق دېدى: بىكار ۋاقىتتا بۇ يەرگە كېلىپ يېزا ئىگىلىكى، باقمىچىلىق، كەشتىچىلىككە ئائىت كىتابلارنى كۆرۈپ، مەدەنىيەت سەۋىيەمنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن. بۇ يەردە يەنە تەمبۇر ۋە داپ چېلىپ ئۇسۇل ئويناپ كۈنلىرىمىزنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىمىز.

  ئېلى مەمەتمۇ گۈلنارەم ھەسەنگە ئوخشاش بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇشتىن توختاپ دېھقانچىلىق قىلدى. بىراق مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا ياخشى ھوسۇل ئالالمىدى. دېھقانلار كۈتۈپخانىسىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ بۇ يەردىكى ھەر خىل كىتابلارنى ياقتۇرۇپ قالدى ھەم بوش ۋاقتى بولسىمۇ كېلىپ كېۋەز تېرىشقا ئائىت تېخنىكا كىتابلىرىنى كۆرىدىغان بولدى.

  گۈلئاۋات يېزا ئاق ئۆستەڭ كەنت ئاھالىسى ئېلى مەمەت مۇنداق دېدى: كېۋەزنى تېرىپ بولدۇم. كېيىنكى مەزگىللىك پەرۋىش تېخىنىكامنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۈگۈن بۇ يەرگە بۇ جەھەتتىكى كىتابلارنى كۆرگىلى كەلدىم. مېنىڭچە بۇ يەردىكى كىتابلارنى تۈرى كۆپ ئەمەس،شۇڭا بەزى كىتابلارنى كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.دېھقانلار كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوغۇلخان ئاۋۇتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2009-يىلى كۇتۇپخانىنى ئاچقاندىن بۇيان تېرىقچىلىق،باقمىچىلىققا ئائىت كىتابلارنى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. كىتاب كۆرگىلى كېلىدىغانلار ياشلار بارغانسېرى كۆپەيگەندىن كېيىن رومان تۈرىدىكى كىتابلارنى ئالقىشقا ئېرىشكەن.بۇ كۈتۈپخانا كەنت كومىتېتىغا 500 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ كەنت ئاھالىلىرى بىلىم ئۆگىنىدىغان، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان”ئېنېرگىيە تولۇقلاش پونكىتى“غا ئايلانغان. نۆۋەتتە كۈتۈپخانىدا 500 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب بار بولۇپ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن.

  گۈلئاۋات يېزا ئاق ئۆستەڭ كەنت ئاھالىسى ئوغۇلخان ئاۋۇت مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل تۈردە يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا بىر كىتابخانا ئېچىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. كېيىن بۇ كۇتۇپخانىنى ئاچتىم،خېلى كۆپ ياشلار بۇ يەرگە كىتاب كۆرۈپ بىلىم ئۆگىنىشكە كېلىدۇ. مەن كۇتۇپخانىنى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇپ، كىتاب تۈرىنى كۆپەيتىپ كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر