باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىنخۇادىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مائارىپچىلار مېھرى مۇھەببىتىنى دەرسخانىدا قالدۇردى

2015.04.29 08:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان ، خەۋىرى:ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈمىدە جىنخۇادىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 10 نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە بىر كوللېكتىپ بار. ئۇلار بارلىقىنى ئەقلى جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە سەرپ قىلىپ، جېجياڭنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئونسۇ ناھىيەسىگە ئېلىپ كەلدى.

  ئوقۇغۇچىلارغا كونسۇلتاتسىيە قىلىۋاتقان بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى جېڭ شۈپىڭ بولۇپ،ئىلگىرى جىنخۇا شەھەرلىك ساۋجەي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ ئونسۇ ناھىيەسىگە كەلگەندىن كېيىن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 2-سىنىپنىڭ ماتېماتىكا دەرسىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ قايتىپ ئۆزىنىڭ بارلىق بىلىمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئايىماي ئۆگەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندە ئەتىگەن بىرىنچى بولۇپ ۋە كەچتە ئەڭ ئاخىرىدا كۆرىدىغىنى جېڭ مۇئەللىم ئىدى. ئۇ ياتىقىغا قايتقاندىن كېيىن تاڭ سەھەرگىچە ئىشلەپ 2-كۈنىدىكى دەرسنى تەييارلايتتى. ئۇنىڭ ھارماي تىرىشىشى ئارقىسىدا بىر يېرىم ئوقۇش مەۋسۇمىدا جېڭ مۇئەللىم ئۆتكەن ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى باشقا سىنىپتىن 10 نومۇر يۇقىرى چىقتى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى ھەمدە بوش ۋاقىت بولسىلا باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىشى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چىن ۋېي مۇنداق دېدى: جېڭ مۇئەللىم مەكتىپىمىزگە كەلگەندىن كېيىن بىزگە ئىچكىرىنىڭ نۇرغۇن ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى. بىز بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 2-سىنىپتا تامغا چاپلانغان ” ھارماي تىرىشقان جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ“ دېگەن خەت كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلار بۇ ئەقلىيە سۆزدىن ئىلھام ئېلىپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگەندى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى تېزلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاۋ ۋېڭچېڭ مۇنداق دېدى: جېڭ مۇئەللىم دەرسنى قىزىقارلىق ئۆتۈپ دەرسخانا كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىزنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشىمىزنى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن نەتىجەم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى.

  جېڭ مۇئەللىم ناھىيەمىزگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى.ئانىسى تىز بوغۇم ياللۇغى بولۇپ قېلىپ بىرقانچە قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقان بولسىمۇ خىزمىتىگە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭدىن يوشۇردى. نارەسىدە بالىسى دائىم تېلېفون قىلىپ ئانامنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق دەپ ئۇنىڭدىن ئاغرىندى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بىر يېرىم يىل جاڭ شۈپىڭنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ئابىدە بولدى. ئۇ دائىم يېتەكلەش، ياردەم بېرىش،ئۆگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۈچۈن مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى قالدۇرۇش؛ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشتەك يۇلغۇن روھىنى جىنخۇاغا ئېلىپ كېتىش- مانا بۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى دەيدۇ.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى جېڭ شۈپىڭ مۇنداق دېدى: ئونسۇغا كەلگەن بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئىرادەم تاۋلاندى، بالىلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا چوڭقۇر مېھرى مۇھەببەت ئورنىتىلدى، مەن ئۇلارغا ئامراق.

  كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىنخۇانىڭ تېخىمۇ ياخشى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇتۇشتىن بەھرىمەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا بۇ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ سەمىمىي تىلىكىنى ئېلىپ ئانا يۇرتىغا قايتىدىكەن. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مەزگىلدە ئۇلار ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئونسۇ ناھىيەسنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى قان تولۇقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر