دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئالجىرىيە زۇڭلىسى سەللال بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتۇسى)
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئالجىرىيە زۇڭلىسى سەللال بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيە قېرىنداش ھەم دوست. مىللىي مۇستەقىللىق ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىككى دۆلەت باشتىن ئاخىر ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، مۇستەھكەم ئىشەنچ تىكلىگەن. بۇلتۇر جۇڭگو- ئالجىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.