نارات ساياھەت مەنزىرە رايون نارات موڭغۇل تىلىدىكى سۆز بولۇپ، تەرجىمىسى «ئەڭ بۇرۇن قۇياشنى كۆرگەن جاي» دېگەن مەنىدە. ناراتنى كىشىلەر مەدھىيەلەپ بوشلۇقتىكى يايلاق، تەڭرىتاغدىكى يېشىل ئارال، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى جەننەت دەپ تەرىپلەيدۇ. نارات دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئېگىز تاغ دەريا ۋادىسىدىكى ئوتلاقلارنىڭ بىرى، 2004-يىلى 3-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى بولۇپ باھالانغان؛ 2004-يىلى 11-ئايدا، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى غەربىي رايوننى ئېچىشتا شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان؛ 2005-يىلى 4-ئايدا، نارات يايلىقى شاڭخەي جىننس دۇنيا باش ئىشتابى تەرىپىدىن «قازاقلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ يايلاق» بولۇپ باھالانغان؛ 2005-يىلى 6-ئايدا، نارات خەلقئارا سۈپەت ئۆلچەم سىستېمىسى ISO9001 نىڭ ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن بولۇپ، 2005-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيە ژۇرنىلى ئىدارىسىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل ئالتە يايلاقنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 2005-يىلى 12-ئايدا، تۆت ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ باھالانغان؛ 2006-يىلى 8-ئايدا، جۇڭگو ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك سەمىمىي ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 2007-يىلى 1-ئايدا، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ساياھەت تىجارەت يىللىق يىغىنىدا «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت ئورنى» بولۇپ باھالانغان؛ 2008-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىشخانىسى، قۇرۇلۇش نازارىتى، ساياھەت ئىدارىلىرى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى؛ 2010-يىلى 19-ئاپرېل، نارات مەنزىرە رايونى جۇڭگو ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك سەمىمىي ئورۇن» بولۇپ باھالانغان؛ 2010-يىلى 4-ئايدا نارات مەنزىرە رايونى شاڭخەي خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكە مۇنبىرىباش بولۇپ ئۆتكۈزگەن ب د ت ساياھەت ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو تىجارەت جەمئىيىتى قاتارلىقلارنىڭ «خەلقئارا ئىستىراھەت ساياھەت ئورنى»دېگەن شەرەپلىك نامىغا ئېرشىكەن. 2011-يىلى 16-يانۋار نارات مەنزىرە رايونى رەسمىي تۈردە دۆلەت 5Aدەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ باھالانغان.
نارات مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقان، «پاراسەتلىك ساياھەت» ئاچقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە سىمسىز تور پۈتۈن مەنزىرە رايونىنى قاپلىغان.
نارات مەنزىرە رايونى تەڭرىتىغىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېلى دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلمى 400 كۋادرات كلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن ئېگىزلىكى 1800 مېتىر كىلىدۇ. يىللىق ھۆل ـ يىغىن مىقدارى 880 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا. ئۈچ ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئەگرى ـ بۈگرى كۆنەس دەرياسى بۇ جايدىن ئۆتىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئۈچ ئەتراپى يېشللىق، قاپ بەل قىسمىدىن يۇرۇڭقاش دەرياسى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، تەبىئەتنىڭ رەھمىتى بۇ جاينى مۇھىتى خىلۋەت، ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن.