باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا رەسمىي تىجارەت باشلاندى

2015.04.30 23:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 – ئاپرېل سەھەردە، 13 ئاپتوموبىل تاموژنىنىڭ ئاپتوموبىللارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تاموژنىغا رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېغىزىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا كىردى. بۇنىڭ بىلەن، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ تىجارىتى رەسمىي باشلىنىپ، شىنجاڭدىكى 2 – جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇپ قالدى. بۇ شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تەسىس قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە پۇختا بىر قەدەم باسقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 2014 – يىلى 9 – ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان. نەچچە ئايلىق جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل 8 – يانۋار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى گوۋۇيۈەندىكى ئون مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇپ قالدى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قەشقەر خەلقئارا ئايروپورتى، پىلانلىنىۋاتقان جۇڭگو – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان، جۇڭگو – پاكىستان خەلقئارا تۆمۈريولىغا يېقىن، ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئەۋزەللىكىگە ئىگە. بۇ رايوندا ئاساسلىقى باجدىن خالىي ئامباردا ساقلاش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، باجدىن خالىي پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆرگەزمە قىلىش، يەرمەنكىگە قويۇش، پورت مەشغۇلاتى، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتى ۋە ئۇنىۋېرسال يانداشما مۇلازىمەت قاتارلىق يەتتە چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا ئوتتۇرا ھالقىدا ئالماشتۇرۇش، يەتكۈزۈش، سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش ۋە ئېكسپورتقا پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قەشقەر ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ رايون ئورنى ۋە قاتناش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىكى سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد ۋە ئايروپورت ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، قەشقەرنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئامىللارنى قەشقەرگە جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر