باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا، كەنتتىكىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2015.04.30 23:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ھەممە يېزا، كەنتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى

  ئونمىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى ھازىرلاندى

  جاڭ شىنيۈ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ‹‹ھەممە يېزا، كەنت››كە يەتكۈزۈش ھەرىكەت پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە 2015 – يىللىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 25 – ئاپرېل شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى .

  چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دا، كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 5 – زالى ئىش ئىزدىگۈچىلەر بىلەن لىق تولدى. شىنجاڭ ‹‹دىۋاڭ›› ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئورنى ئىش ئىزدەپ كەلگەن ئاياللار بىلەن تولغانىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەسلىھەت سورىسا، بەزىلىرى جەدۋەل تولدۇرۇۋاتاتتى، بەزىلىرى خادىملارنىڭ چۈشۈندۈرۈشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. قىسقىغىنا بەش مىنۇتتا ئون ئايال جەدۋەل تولدۇردى. مەن بۇ ئون ئايالنىڭ ئالتىسىنىڭ ‹‹ئارزۇيىڭىزدىكى خىزمەت›› دېگەن كاتەكچىگە بالىلارنى مەشىقلەندۈرۈش سارىيىنىڭ يېتەكچىسى بولۇش، دەپ يازغانلىقىنى كۆردۈم. ‹‹دىۋاڭ›› ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ خانىم بۇ خىزمەت ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى ئەمەس، پەقەت مېھرىبان، بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان، مەسئۇلىيەتچان بولسىلا بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، شۇڭا بۇ ئىش ئورنى ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھازىرقى قىسمەن كارخانىلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئادەم ئىشلىتىش قىيىن بولۇش، ئىش ئىزدەۋاتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش، يېزا، ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرى راۋان بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق سەككىز ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ‹‹ھەممە يېزا، كەنت››كە يەتكۈزۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى. بۇ پىلان بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، سىياسەت بىلەن تەمىنلەش، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش››تەك بىر يۈرۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، كارخانىلار بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەر ئارىسىدا ئۇچۇر راۋان بولغان، مۇلازىمەت ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىدىغان ئىش ئىزدىگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى ‹‹يېزا، كەنتتىكىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى›› بولۇپ، جەمئىي 264 كارخانا نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەنگەن ھەم ئون مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى ھازىرلانغان. پائالىيەتتە يەنە ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى››، ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى›› ۋە ‹‹ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش››تىن ئىبارەت ئۈچ مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، كارخانا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەرگە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر