باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن سىياسەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ چاڭ تۇزانغا جەڭ ئېلان قىلدى

2015.04.30 18:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن سىياسەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چاڭ- تۇزانغا جەڭ ئېلان قىلدى: تۈنۈگۈن ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا پاكىز ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەشنى تېزلىتىپ، تەييار ماي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش قارار قىلىندى.

  چاڭ تۇزان بىلەن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش زۇڭلى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ئىش

  «مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق قول بولۇش كېرەك.» بۇ يىل ئىككى يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى مۇخىبرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاڭ تۇزان قاتارلىق مۇھىت بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە كىشىلەرنىڭ كۈتكىنىدىن خېلى يىراق»، بۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەدبىر يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا «ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچى ۋە ئاساسلىق ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىن ماي ئىشلەپچىقىرش ۋە ئىشلىتىش سۈپىتى قاتارلىقلار چاڭ تۇزان قاتارلىق مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ۋەزىپىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن ئېچىلغان دائىمىي يىغىندا يولغا قويۇلىدىغان ئۈچ چارە توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى: بىرىنچى 2016- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ بەش تۈرلۈك گاز چىقىرىش ئۆلچىمى بويىچە ئاپتوموبىللارغا سالياركا ئىشلىتىدىغان رايونلار ئەسلىدىكى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىي ئۆلكىسى، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق شەھەرلەردىن پۈتكۈل شەرقىي قىسىمدىكى 11 ئۆلكە، شەھەرگە كېڭەيتىلىدۇ. ئىككىنچى مەملىكەت بويىچە دۆلەت بەش تۈرلۈك گاز چىقىرىش ئۆلچىمى بويىچە سالياركا بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى ئەسلىدىكى 2017- يىلى 7- ئاي ۋە 2018- يىلى 1- ئايدىن باشلىنىدۇ، مەملىكەت بويىچە دۆلەتنىڭ تۆت تۈرلۈك گاز چىقىرىش ئۆلچىمى، دۆلەتنىڭ بەش تۈرلۈك گاز چىقىرىش ئۆلچىمى بويىچە ئادەتتىكى سەلياركا بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر