باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بالتىموردىكى توپىلاڭ تاسادىپىيلىق ئەمەس

2015.04.30 18:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا ئېرىق ھادىسىسى ۋە توقۇنۇشنىڭ قايتا-قايتا يۈز بېرىشى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تۈزۈم جەھەتتىن زەئىپلىشىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

  «بالتىموردىكى توپىلاڭ بۇنىڭ يالغۇز مىسالى ئەمەس، ساقچى تەرەپ، ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلار مەھەللىسى شۇنداقلا پۈتۈن دۆلەت بۇ قېتىملىق توپىلاڭ توغرىسىدا قايتا ئويلىنىشى كېرەك.» مارىلاند شتاتىنىڭ بالتىمور شەھىرىدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن يۈز بەرگەن توپىلاڭغا قارىتا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28-ئاپرېل ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلار مەھەللىسىنىڭ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشىلاشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ۋاشىنگتون بىلەن پەقەت 60 نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى بالتىمور جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئەھۋاللىرى، تاش بىلەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ساقچىلارنىڭ توپىلاڭنى تىنجىتىش ئۈچۈن قويغان قارىمۇچ ئوقى ھەر تەرەپتە ئېتىلدى. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ 1700 ئەسكەرنى ئامانلىق ساقلاشقا قاتناشتۇردى، پېنسىلۋانىيە شتاتى ۋە يېڭى جېرسېي شتاتىدىكى ساقچى كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان بۇ شەھەرگە ئاتلاندى.

  ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان 27 ياشلىق ئەر فرېددىي گرەينىڭ ئۆلۈمى بۇ قېتىملىق توپىلاڭنىڭ پارتلاش سەۋەبى بولۇپ، ئۇ 12-ئاپرېل بالتىمور رايونىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئومۇرتقىسى ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكتىن دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.

  نەتىجىدە فېرگۇسسون، شىمالىي چارلېستون شەھىرىدە يېقىندا يۈز بەرگەن قوراللىق ئېتىشىش دېلوسىغا ئوخشاش خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا ئېرىق ھادىسىسى ۋە توقۇنۇشىنىڭ قايتا-قايتا يۈز بېرىشى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تۈزۈم جەھەتتىن زەئىپلىشىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر