باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ سۇدانغا ئەۋەتكەن تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر قىسمى تۇنجى بىرلەشمە مەشقنى باشلىدى

2015.04.29 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ سۇدانغا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەش رايونىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى بىلەن بىرلىشىپ مەشق قىلدى. بۇ جۇڭگونىڭ تىنچلىقنى ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشتىن ئاۋۋالقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكى قوماندانلىق شتابى مۇنداق يوليورۇق بەردى: جۇڭگونىڭ تىنچىلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونى كېيىنكى قەدەمدە نېپال ۋە گانا تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ئورنىغا جۇبا شەھەر رايونىدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جۇڭگو تىنچىلىقنى ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونى بۈگۈندىن باشلاپ نېپال باتالىيونى، گانا پىيادە ئەسكەرلەر روتىسى بىلەن بىرلىشىپ بىر ھەپتە مەشق ئېلىپ بارىدۇ. مەشق ئالدى بىلەن شەھەر رايونىدا چارلاش ۋەزىپىسى ئۆتەشتىن باشلىنىدۇ، تەدرىجى ھالدا گازارما رايونىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئېھتىيات قىلىش دىژورنىلىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر