باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ بۇ يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتى، 20غا يېقىن مەركەز كارخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى تەكشۈرۈلدى

2015.05.04 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 2015-يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى. مۇخبىرىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق كۆزىتىش مەزگىلىدە، 26 مەركەز كارخانىسىنىڭ 20غا يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى تەكشۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2-سەپكە چېكىنگەن ئىلگىرىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارمۇ بارىكەن.كۆزىتىش مەزگىلىدە 20غا يېقىن مەركەز كارخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى تەكشۈرۈلدىمەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپسىنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ 3-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 3-ماي جۇڭگو شەرق ئېلېكتر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى مەخسۇس كۆزىتىشىنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەركەزنىڭ 2015-يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتى تولۇق ئاخىرلاشتى.

  بۇ قېتىمقى كۆزىتىشنىڭ ھەممىسى مەخسۇس كۆزىتىش بولۇپ، 26 كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ ھەممىسى مەركەز كارخانىسى، خىزمەت ۋاقتى تەخمىنەن ئىككى ئاي بولدى. مۇخبىرىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق كۆزىتىش مەزگىلىدە، 26 مەركەز كارخانىسىنىڭ 20غا يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى تەكشۈرۈلگەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتىدىن ئۈچ كىشى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت باش شىركىتىدىن بىر كىشى، جۇڭگو جەنۇب ئېلېكتر تورى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن بەش كىشى، دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتىدىن ئىككى كىشى، «باۋگاڭ» گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن بىر كىشى، جۇڭگو شەرق ئېلېكتر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىككى كىشى، جۇڭگو ئېلېكتر پەن-تېخنىكىسى گۇرۇھ شىركىتىدىن بىر كىشى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھ شىركىتىدىن ئۈچ كىشى، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتىدىن بىر كىشى قاتارلىقلار بار.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر