خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىن ئەتراپىدىكى داكاۋ يىغىۋېلىش لاگىرى خاتېرە سارىيىدا گېرمانىيە زوڭلىسى مېركىل داكاۋ يىغىۋېلىش لاگىرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتېرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە يىغىۋېلىش لاگېرىدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن گۈل چەمبىرەك قويدى. شۇ كۈنى داكاۋ يىغىۋېلىش لاگىرى خاتېرە سارىيى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بۇ يىغىۋېلىش لاگىرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتېرىلىدى. 1933-يىلى قۇرۇلغان بۇ جازا لاگىرى ميۇنخىن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 10كېلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى داكاۋ شەھىرىدە بولۇپ، ناتسىسلار ئەڭ بۇرۇن قۇرغان يىغىۋېلىش لاگىرى. بۇ جازا لاگىرى ئىشلىتىلگەن مەزگىلدە تەخمىنەن 200مىڭ كىشى بۇ يەرگە قامالغان، 40مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاچارچىلىق، كېسەللىك ۋە قىرغىنچىلىق تۈپەيلى قازا قىلغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى