باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ

2015.05.05 17:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ جايلارغا چۈشۈرگەن ‹‹2015 – يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي تەربىيەلەش نىشانلىق پىلانى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىل دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش پىلانىغا ئاساسەن 6350 كىشى تەربىيەلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە ياردىمى بىلەن ئۆلچەملەشكەن تەربىيەلەش نۇقتىسىدا يولغا قويۇلىدىكەن، بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 100 كىشى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 100 كىشى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن 3200 كىشى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 1200 كىشى، قەشقەر ۋىلايىتىدىن 1200 كىشى، خوتەن ۋىلايىتىدىن 450 كىشى تەربىيەلىنىدىكەن.

  دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەر بىرىگە 1500 يۈەن ئۆلچەمدە تولۇقلىما بېرىلىدۇ. بۇ تولۇقلىما پۇل ئىككىگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدىكى %70 مەبلەغ يېقىندا نەقلەشتۈرۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن مالىيە نازارىتى ھەر قايسى نۇقتىلاردىكى تەربىيەلەش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، قالغان %30 مەبلەغنى ئاجرىتىدۇ. شارائىتى يار بەرگەن جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيەلەش تولۇقلىما پۇل سىياسىتى ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش تولۇقلىما سىياسىتىنى تۈزسە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايون ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) ۋە نۇقتىلاردىن 2015 – يىللىق دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى ۋە ۋەزىپىسىنى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەرگە ۋە پونكىت – نۇقتىلارغا ۋاقتىدا بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر بۇ تەلەپ بويىچە دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ھەرقايسى تەربىيەلەش نۇقتىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى تەربىيەلەش نۇقتىلىرى ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش پىلانىنى بېكىتىشى كېرەك. كەسپىي كۇرسلار ياكى ئىگىلىك تىكلەش كۇرسلىرىغا قاتناشقانلار ھەم دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر بولغان ئاز سانلىق مىللەت كۇرسانتلىرى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىنىدۇ، تەربىيەلىنىش ۋاقتى ئىككى ئايدىن تۆۋەن، دەرس سائىتى 135 سائەتتىن ئاز بولماسلىقى، ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش تارقىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال ۋە دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك. شارائىتى يار بەرگەن تەربىيەلەش نۇقتىلىرى كۇرسانتلارغا كەسپى سۆزلۈكلەرنى ئۆگەتسە بولىدۇ. كۇرسلاردا دەرس باشلاشتىن ئىلگىرى، كۇرسانتلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ سىناپ كۆرۈپ، ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۆگىنىش مەزمۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى؛ دەرس تاماملانغاندا ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىمتىھانى ئېلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر