باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1 - مايدىن باشلاپ شوپۇرلۇق ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلدى، «مەيدان ئىجارە ھەققى»نى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى

2015.05.06 11:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 29 - ئاپرېل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ دەسلەپكى تەربىيەلىنىش مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمىنى قايتىدىن بېكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىل (C2،C1) شوپۇرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەربىيەلىنىش مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمى ھازىرقى 2400 يۈەندىن (ئىلگىرى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى تۈرگە ئايرىلمايتتى) 1 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ 3560 يۈەنگە، 2 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ 3420 يۈەنگە، 3 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ 3820 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ. يېڭى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 1 - مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ھەققى تىزىملىتىش ھەققى، بىخەتەرلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسى IC كارتىسى، نەزەرىيە دەرسى ھەققى، ئەمەلىي مەشغۇلات دەرسى ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل (A1) شوپۇرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەربىيەلىنىش ھەققى 1 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ 5090 يۈەن، 2 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكەپلىرىنىڭ 4870 يۈەن، 3 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ 4650 يۈەن بولىدىكەن. شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇس (A3) شوپۇرلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 1 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ 6070 يۈەن، 2 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ 5820 يۈەن، 3 - دەرىجىلىك شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ 5570 يۈەن بولىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار (C2،C1)، مېيىپلەر ئاپتوموبىللىرى (C5)، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى (C3)، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل (C4) شوپۇرلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ھەققى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي ئىزاھات بېرىلگەن.

  موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى مەشىق قىلىدىغان مەيدانلارنىڭ ئىجارە ھەققى توغرىسىدىكى كونكرېت ئۆلچەمنى ئىككى تەرەپ «ئىختىيارىي كېلىشىش، تەننەرخنى مۇۋاپىق تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىدۇ. بۇ ھەق كۇرسانتلار تاپشۇرغان تەربىيەلىنىش مۇلازىمەت ھەققى ئىچىدە بولىدۇ. ئۇنى مەشىق مەيدانىنى ئىجارىگە ئالغان شوپۇرلۇق مەكتىپى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، كۇرسانتلاردىن ئايرىم ھەق ئېلىنمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر