باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

ئىسلاھات ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەتنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك

2015.05.06 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-ماي چۈشتىن كېيىن، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى. ئۇ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئارقىلىق ئىدىيەنى ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش جەھەتتە تەربىيىلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات ئومۇمىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە ئىسلاھات ئومۇمىيىتى ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتقا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئۆز سىستېمىسى ۋە ئۆز ساھەسىدە مۇكەممەل تۈزۈلمە مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولسىلا، ئىسلاھات ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىسلاھ قىلىش ۋە مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەتنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «بەزى رايون سىستېمىسىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش-ئىسلاھ قىلىش تەجرىبىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي لايىھە»، «تەپتىش ئورگانلىرى جامائەت پاراۋانلىق دېلولىرى توغرىسىدا ئەرز سۇنۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەر ھۆكۈمەت فۇنكسىيەنى يۆتكەشنى نۇقتىدا كېڭەيتىپ سىناق قىلىش تەرتىپلىك ئۈستىگە ئېلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر