باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تەشەببۇس قىلغان «ئالاقە تورى +» ۋە ئىجتىمائىي يېڭىلىق يارىتىش «تۇخۇمدىن چىقتى»

2015.05.04 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ «ئالاقە تورى +» نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، «جىڭدۇڭ»دا «ئالاقە تورى +»غا ئائىت 20 نەچچە كىتابنى تاپقىلى بولىدىغان بولدى، ئۇ قاچان بىر خىل بەلگە ۋە ئېقىمغا ئايلاندى؟ ئەمەلىيەتتە بەش يىل بۇرۇنلا ساھە ئىچىدىكى تالانتلىقلار كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت مەزمۇننى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئىلگىرى ئالاقە تورى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، بەزىلەر ئالاقە تورىغا 4-تاراتقۇ دەپ ئېنىقلىما بەرسە، بەزىلەر ئالاقە تورىغا يەنە قورال دەپ ئېنىقلىما بەردى، ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئالاقە تورىنى قورال ئورنىدا كۆرمەكتە. لېكىن پەن-تېخنىكا تۇرمۇشىمىزنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپ كەلدى، دوستۇم «ئالاقە تورىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى» دەپ بىر كىتاب يازغانىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىخنىڭ تەرەققىياتىدىن ئېيتقاندا، پەن-تېخنىكا ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ جىسمانىيىتىنى ئازاد قىلىدىكەن، مەسىلەن، كۆزەينەك، تېلېسكوپلار ئارقىلىق يىراقنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىل، ئايروپىلانلار ئارقىلىق يىراقلارغا بېرىپ، دۇنيانى كەزگىلى بولىدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ بۇ تەرەپلىرىنى جىسمانىيىتىمىزنى ئازاد قىلىش بىلەن باغلىغىلى بولىدۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ 1-ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى جىسمانىيىتىمىزنى ئازاد قىلىش بولۇپ، بىزنى يەر مەركىزىنىڭ تارتىش كۈچىدىن خالاس قىلىش، تەبىئەت بىلەن بولغان ئويۇندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مانا بۇ ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ مۇھىم پەرقى.

  ئالاقە تورى پەقەتلا قورال ياكى تاراتقۇ ئەمەس، ئالاقە تورى ياش چەكلىمىسى، دۆلەت، مىللەتتىن ھالقىپ، زور ئۇچۇر ئالاقىسىنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ. بۈگۈنكى تېمىنى نېمە ئۈچۈن «تۇخۇمدىن چىقىش» دەپ ئاتايمەن؟ بۇلتۇر بىخەتەرلىك ساھەسىدە بىر بىخەتەرلىك ۋەقەسى كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭغا «تۇخۇمدىن چىقىش» دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى. «تۇخۇمدىن چىقىش» ئىنتايىن ئازابلىق جەريان، لېكىن ئۇ ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئالاقە تورى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيە قارىشىدا، بۇ دەۋرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك، ياكى ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېسابلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز ھەر قانداق ئىش مۇمكىن بولىدىغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز، دېگەن. بۇنى ئىلمىي قىلىپ ئېيتقاندا بىز تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، بۇ بىزنىڭ بەدىنىمىزگە قانات چىقىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىلمىي، پاراسەتلىك بولىدۇ دېگەنلىك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر