باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇقىم ئاشۇرۇشنى ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك

2015.05.06 11:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىر قۇمۇل ۋىلايىتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

  مۇقىم ئاشۇرۇشنى ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 29 - ئاپرېلدىن 30 - ئاپرېلغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇشنى ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە چوڭ - چوڭ سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان 20 جەھەتتىكى 50 تەدبىرنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئىككى كۈن ئىچىدە قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى قىسمەن ئېنېرگىيە كارخانىلىرى، قۇمۇل - جىڭجۇ 800 士 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش، توك ئالماشتۇرۇش ئىستانىسىسى، شۇنداقلا قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا باردى، قۇمۇلنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە چوڭ - چوڭ سانائەت تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ ئىگىلىدى، كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى ھەم قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  شۆھرەت زاكىر قۇمۇل «جىڭفېڭ» شامال ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى چەكلىك شىركىتى، «شىچېڭزى» فوتوۋولت كەسىپلەر سانائەت رايونى، «شىنخۇا گۇنېڭ» 4×660 mw ئېلېكتىر ئىستانىسى تۈرى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. شۆھرەت زاكىر قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شامال ئېلېكتىر، فوتو ئېلېكتىر قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىدىكى نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى ئىگىلەپ مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى روشەن، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. شۇڭا، يېڭىچە ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە، يېڭىچە جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى مەركەزلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق خاراكتېرلىك كەسىپلەر بىلەن بايلىق خاراكتېرىدىن باشقا كەسىپلەرنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈن قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈرتكىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ پولات - تۆمۇر گۇرۇھى يامانسۇ كانچىلىق چەكلىك شىركىتى باۋشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدا بولۇپ، 2014 - يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ زاۋۇت - كان كارخانىلار «شەھەردىن چېكىنىپ سانائەت رايونلىرىغا ماكانلىشىش» توغرىسىدىكى تەلىپى بويىچە، يامانسۇ كانچىلىق شىركىتىنىڭ قۇمۇلدىكى زاۋۇت رايونى يامانسۇ بازىرىغا تولۇق كۆچۈرۈلىدۇ، يېڭى زاۋۇت رايونىدا بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بولىدۇ، ھازىر كارخانىلار تەرەققىياتتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. قۇمۇل ۋىلايىتى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى مەخسۇس پەن(كۇرس) قاتلىمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدە ئەمەلىي مەشىقخانىدىن 109نى، مەكتەپ سىرتىدا ئەمەلىي مەشىق بازىسىدىن 25نى قۇرۇپ، «ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزسە خىزمەت بار، كارخانىلار ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلار بار، ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى بار» بولۇشتەك كۆپ تەرەپ نەپ ئالالايدىغان بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغان. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: قۇمۇل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق جەڭگاھ، كۆپ خىل «زاكازلىق» تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساھە، كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن زورايتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە كېرەكلىك كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىرىنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق كارخانىلارغا پايدىلىق بولغان تەرەققىيات شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، يەنە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پايدىلىق ۋەزىيەتنى قولدىن بەرمەي، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلارنى قۇمۇلغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى ۋە ئۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى، بولۇپمۇ تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېزلىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئائىلىسىدە بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلە قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تىرىشىپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر