باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 134 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بىر كىشىنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقاردى، بەش كىشىگە پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بەردى

2015.05.05 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى 4-ماي كەچتە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 27-ئاپرېلدىن 3-مايغىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 134 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 10 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان؛ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە خۇبېي ئۆلكىسى 2-ئورۇندا بولۇپ، سەككىز دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان؛ گۈيجۇ ئۆلكىسى 3-ئورۇندا بولۇپ، يەتتە دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 134 دېلونىڭ ھەممىسىدە ئالاقىدار تەرەپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشتىن قارىغاندا، كۆپ قىسىملىرىغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت كىشىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان، بەش كىشىگە پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش، بىر كىشىگە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بەرگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر