باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشقا تەڭ كۈچ چىقىرىش كېرەك

2015.05.06 11:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 5 - ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ 33 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى.

  ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەتراپلىق ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ۋەزىيەتتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ئايلىق نەتىجە ئارقىلىق يىللىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش يولى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر تەشۋىق - تەربىيەنى چىڭ تۇتۇش، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئىدىيەۋى ئاساسىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇلتۇر ئېچىلغان مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقە، بېرىش - كېلىش ۋە سىڭىشىشىنى كۈچەيتىش، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىققا يول قويۇش، ھەرقايسى مىللەتنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە ھەمدەمدە ۋە يار - يۆلەكتە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا بىرلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش، تۇرالغۇ - تۇرمۇش، خىزمەت - ئۆگىنىش، مەدەنىيەت - كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ھالقىسىغىچە ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە ياشاپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئىش قىلىپ، بىرلىكتە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىش كېرەك. بۇ مۇھىم بايانلار بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش تۈپ تەلىپى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ تۈپ كاپالىتى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاق ئۆتۈش، بىرلىكتە كۈرەش قىلىش شانلىق تارىخى. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى زىچ ئالاقە قىلىپ، ئۆزئارا بىر - بىرىگە تايىنىپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، شىنجاڭنى بىرلىكتە ئاچتى ۋە قۇردى، چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭ تارىخى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئالاقە، بېرىش - كېلىش ۋە سىڭىشىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسىغا ئايلىنىش تارىخى. مەيلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى بولسۇن ياكى قايسى بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى بولسۇن ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئالاقە، بېرىش - كېلىش، سىڭىشىشى جەريانىدا ئىشقا ئاشىدۇ.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئاز بولمىغان يېڭى ئەھۋال ۋە ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى. چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە جاراھەت پەيدا قىلدى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق كۈچىيىپ، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. ھازىرقى باسقۇچتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىزدىن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ماركسىزىملىق «بەش قاراش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى، ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى توغرىسىدىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈشنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نورمال ھالىتىنى، بولۇپمۇ بىرلىكتە ياشاپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئىش قىلىپ، بىرلىكتە كۆڭۈل ئاچىدىغان ھالەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ھەرقايسى مىللەت ئۆزئارا بىرلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىدىغان، قوشنىلار ئىناق ئۆتىدىغان دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، ئۆزئارا بىر - بىرىنى چۈشىنىشى، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆز ئارا كەڭ قوساق بولۇشى، ئۆز ئارا بىر - بىرىنى ياقتۇرۇشى، ئۆز ئارا ئۆگىنىشى، ئۆز ئارا ياردەم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ شارائىتى يار بېرىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىلاش ئوقۇش، ئارىلاش دەرس ئاڭلاش، ياتاقتا ئارىلاش يېتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەر قايسى ھالقا ۋە تەرەپلىرىگىچە ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنى بىللە ئويناش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش، قول تۇتۇشۇش، قەلبداش بولۇش، دوستلىشىش، كىچىكىدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش ۋە قوغداش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش، قان بىلەن گۆشتەك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەش، سودا قىلىش، ئولتۇراقلىشىشقا پىلانلىق تەشكىللەش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيە ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراقلىشىش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ ھازىرقى يېڭى ۋەزىيەتكە پائال ماسلىشىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە شىنجاڭ روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈشى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈپ، گۈللىنىشى ۋە ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىي قىلىش ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى. ھازىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، دەل مۇشۇنداق پەيتتە بىز جەزمەن ھەرقايسى مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىكتە ياشاش، بىرلىكتە ئۆگىنىش، بىرلىكتە ئىش قىلىش، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەك ئاچقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا قولغا كەلگەن يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر