باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەخمەتجان بارات: بىز زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ئائىلىلەرگە يەتكۈزگۈچى

2015.05.07 13:48   مەنبە: خەلق تورى

ئەخمەتجان بارات: بىز زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ئائىلىلەرگە يەتكۈزگۈچى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غەيرەت جاسارەت) كەلپىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىئو – كىنو - تېلىۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلەرگە رادىئو – تېلىۋېزىيەنى يەتكۈزۈش ئىشخانىسى مۇدىرى ئەخمەتجان بارات ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن نىجات ساۋۇت ۋە پەرھات ئۆمەر 27 – ئاپرېل ئەتىگەندە ئىشقا چۈشۈشى بىلەنلا يېڭىلا ۋىلايەتتىن تولۇقلاپ چۈشۈرۈلگەن رادىئو – تېلىۋېزىيەنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش تۈرىدىكى قوبۇللىغۇچ ۋە ئانتېننېنى «پىكا» ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا كوزۇپىغا سېلىپ، ئۈچەيلەن ناھىيەدىن 30 كلومېتر نېرىدىكى گەزلىك بازىرى سۇ بېشى كەنتىگە قاراپ يولغا چىقتى. يول قاراماي يولى بولغاچقا ئۇلار تېزلا يېزىغا يېتىپ بېرىپ، سەككىز ئائىلىگە تولۇقلاپ تارقىتىلغان سەككىز يۈرۈش قوبۇللىغۇچنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  تۇرۇپ چىقىپ قالغان توپا ئارىلاش شامال ئۆگزىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ كۆزلىرىگە ياكى ئېغىزلىرىغا كىرىپ كېتەتتى. ئەخمەتجان سۈنئىي ھەمراھ ئوربېتىسىنى ئۆلچىگۈچ بىلەن ئانتېننانىڭ ئۇچىنى سۈنئىي ھەمراھقا توغۇرلاۋاتقان نىجات ساۋۇتقا ئوڭغا بۇراش ياكى سولغا سەل بۇراش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىۋاتاتتى.... كۈن چۈشكە تاقالغاندا ئۇلار كەنتتىكى ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ ناھىيە بازىرىغا قايتتى.

  چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئىشخانىسىدا ئولتۇرغان ئەخمەتجان باراتنى ناھىيەلىك رادىئو – تېلىۋېزىيە ئىدارىسىدىن يۇرچى يېزا ئۈستۈن قۇمئېرىق كەنتگە «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن ئازادەم ئابلىمىت ئىزدەپ كىردى.

  ــــ بىزنىڭ كەنتتە قوبۇللىغۇچنى تولۇقلاپ تارقىتىدىغان بەش ئائىلە بار ئىدى. بولسا بايرامغىچە ئورنىتىپ بەرگەن بولساڭلار،- دېدى ئازادەم ئەخمەتجانغا.

  يەنە بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا ماي بايرىمى بولىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان ئەخمەتجان دەرھاللا ئازادەمگە بۈگۈن چۈشتىن كېيىنلا ئورنىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ساقلاپ تۇرۇشىنى ئېيتتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى ئىككى يېرىم بولغاندا ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قوبۇللىغۇچ سېلىنغان ئاپتوموبىلنى يۇرچى يېزا ئۈستۈن قۇمئېرىق كەنتى 2 – مەھەللىسىدىكى ئەمەت مەخسۇتنىڭ ئۆيى ئالدىدا توختاتتى. بۇ يەردە ئەمەت مەخسۇت ۋە ئازادەم ئابلىمىت قاتارلىقلار ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانىدى.

  ئەخمەتجان قاتارلىقلار بىر يۈرۈش قوبۇللىغۇچ ۋە ئۇنىڭ سەپلىمىلىرىنى ئەمەت مەخسۇت ئاكىنىڭ قورۇسىغا ئېلىپ كىرىپ، قۇراشتۇرۇشقا باشلىدى. ياندىكى قولۇم – قوشنىلار ئەمەت مەخسۇت ئاكىنىڭ ئۆيىگە قوبۇللىغۇچ ئورنىتىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ئارقا – ئارقىدىن كىرىپ، ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ مەشغۇلاتىغا ھەيران قالغاچ تەرەپ – تەرەپتىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.

  ـــ بۇنى ئورنىتىۋېدى ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ نىم قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈدىغان بولدۇق...

  ـــ تېلىۋېزورىمىز قوبۇللىغۇچدا ئاقسۇنىڭ ھەممە يېرىنى تارتىدىكەن...

  ـــ ئالدىنقى كۈنى تېلىۋېزوردىن كۇچادىكى سىڭلىم چىقىۋېدى يېتىپ قالغان ئاپام خۇشاللىقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى...

  15 مىنۇتتىن كېيىن يەر يۈزى سېگنالى ۋە سۈنئىي ھەمراھ سېگنالىنى قوبۇللاش ئانتېنناسى قۇراشتۇرۇلۇپ بولۇندى، ئۈچەيلەن شوتا بىلەن ئۆگزىگە چىقىپ ئەمەت مەخسۇت ئاكىنىڭ ئادەتتە دائىم تۇرىدىغان ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە توغۇرلاپ ئانتېننانى ئورنىتىشقا باشلىدى.

  ـــ ئەمەتكا، خىش كېرەك بولۇپ قالدى. ئۆگزىگە خىش ئېتىۋېتىڭە،- دېدى ئۆگزىدە ئانتېننانا ئورنىنى تەڭشەپ بولغان پەرھات ئۆمەر.

  ئەمەت مەخسۇت ئاكا قورۇسىغا دۆۋىلەپ قويغان خىشتىن 20 نى ئۆگزىگە ئېتىپ بەردى. ئانتېننا خىش بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۆگزىدىن چۈشۈرۈلگەن كابېل سىمى دېرىزىدىن ئۆيگە كىرگۈزۈلدى. ئەخمەتجان بارات قوبۇللىغۇچنى توككا ئۇلاپ، تېلىۋېزورغا چېتىپ تەڭشەشكە باشلىدى. بىر مىنۇتتىن كېيىن ئەمەت مەخسۇت ئاكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزى چىقىرىۋالغان قەلەي بوتۇلكىدىن ياسىغان ئانتېنناسى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان تېلىۋېزورىدا كەلپىن ناھىيەلىك تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ، شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېنىقلىقى يۇقىرى بولغان تېلىۋېزىيە نومۇرلىرى كۆرۈندى. بىرياندا تۇرغان ئەمەت مەخسۇت ئاكىنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق تەبەسسۈم قىلدى.

  ـــ بۇرۇن ئۆزۈم ياسىۋالغان ئانتېننا بىلەن ئانچە ئېنىق بولمىغان ئۈچ – تۆت قانالدىكى پروگراممىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىكەنمەن، مانا ئەمدى سۈپ – سۈزۈك تېلىۋېزىيە پروگراممىسىنى كۆرىدىغان بولدۇم، قوشنىلار ئۇلۇغ داھىي ماۋ جۇشىنىڭ باشچىلىقىدىكى ئارمىيەنىڭ جۇڭگونى ئازاد قىلغانلىقىنى، بىزگە ئازادلىق ئېلىپ كېلىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلغانلىقى ھەققىدىكى تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرگەنلىگىنى دەيدىغان، ئەمدى مەن ئۆز ئۆيۈمدىمۇ كۆرىدىغان بولدۇم. تېلىۋېزور ئارقىلىق پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى بىلىپ تۇرساق، قانۇن ئېڭىمىز كۈچىيىپ تۇرسا، جەمئىيەت تېنچ، ئىناق بولسا كۈنلىرىمىز ياخشى بولمامدۇ دەيمىنا ،-دېدى ئەمەت مەخسۇت ئاكا كۈلۈپ تۇرۇپ،- ھازىر تۇرمۇش بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى، يوللار ياخشى، قورۇلار قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ يولدا، قورۇدا توپا توزۇيدىغان ئىشلار تۈگىدى. توكلار، تۇرۇبا سۈيىلىرى تارتىلىپ تۇرمۇشقا قۇلايلىق بولدى. ئىشقىلىپ مەن بەك رازى.

  ـــ ئەمەت مەخسۇت ئاكا،- دېدى ئەخمەتجان بارات قوبۇللىغۇچنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،- بۇنىڭدا ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچە قاناللار، ئىچكىرىنىڭ قاناللىرى بولۇپ 90 نەچچە قانال چىقىدۇ، قوبۇللىغۇچنى پاكىز تۇتسىلا، سۈرتۈپ تۇرسىلا بولمىسا بۇزۇلۇپ قالىدۇ.

  ئەخمەتجان بارات قاتارلىقلار قايتايلى دەپ تۇرۇشىغا ياندىكى ئۆيدىكى رەيھانگۈل مۇھەممەد ھەدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىدىكى تېلىۋېزورنى كۆرۈپ بېقىشقا، بەزى تېلىۋېزىيە قانىلىنىڭ ئاۋازىنىڭ تازا ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئەخمەتجان خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ رەيھانگۈل مۇھەممەد ھەدىنىڭ ئۆيىگە كىردى. قوبۇللىغۇچنى قايتا قوزغىتىپ، سېگنالنى قايتىدىن تەڭشەش، سىم يولىنى توغۇرلاش ئارقىلىق رەيھانگۈل مۇھەممەد ھەدىنىڭ تېلىۋېزورىدىكى مەسىلە ھەل بولدى.

  ـــ تېلىۋېزوردىن خەلقئاردىكى، بېيجىڭدىكى، ئۈرۈمچىدىكى، ناھىيىدىكى ھەرخىل خەۋەرلەرنى، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ ئاڭلايمەن، يېقىندا تېلىۋېزور بۇزۇلۇپ قېلىپ، بەزى قاناللارنى كۆرەلمەي يېرىم گاچىدەكلا بولۇپ قالغاندىم، ئەمدى داۋاملىق ياخشى كۆرەلەيدىغان بولدۇم،- دېدى رەيھانگۈل مۇھەممەد ھەدە كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كەچ سائەت ئالتىلەردە قۇمئېرىق كەنتىدىكى تولۇقلاپ ئورنىتىلغان بارلىق قوبۇللىغۇچلار ئورنىتىلىپ بولۇندى. ئەخمەتجان بارات قاتارلىقلار بىر كۈن جاپالىق ئىشلەپ خېلىلا چارچىغان بولسىمۇ لېكىن چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى.

  ـــ بىز زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ئائىلىلەرگە يەتكۈزگۈچى، رادىئو تېلىۋېزىيەنىڭ ھەربىر ئۆيگە كىرىشى، پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەرخىل قانۇن، سىياسەتلەرنى تولۇق بىلىشىغا، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن نېرى تۇرۇشىغا، توغرا قانۇن، مەدەنىيەت قارشىنى تۇرغۇزۇشىغا، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىغا بەك مۇھىم، شۇڭا بۇ خىزمەت بىز ئۈچۈن ھەم ۋەزىپە ھەم بۇرۇچ،- دېدى ئەخمەتجان بارات پىشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ بىزگە.

  ئىگىلىشىمىزچە، كەلپىن ناھىيەسى 2013 – يىلىدىن باشلاپ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رادىئو – تېلىۋېزىيەنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، بۇ يىل يىل بېشىدا %100 تاماملىغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …