خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە 16 يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن 27 ياشلىق شىنجاڭلىق يىگىت ئادىلجان ئاخىرى ئۆيىگە قايتتى. ئادىلجان(ئوڭدا)كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەت ھازىرغىچە دادىسىنىڭ يان تېلىفۇنىدا ساقلىنىپ تۇرغان ئىكەن.
11 يېشىدا ئۇنى باشقىلار قەشقەردىن ۋېنجۇغا ئالداپ ئېلىپ چىققان، 16 يىل ئۆزى يالغۇز يات يۇرتتا ياشاپ، چوڭ بولغان. بۇ يىل 4-ئايدىن 5-ئايغىچە، ۋېنجۇ ۋە قەشقەر ساقچى تەرىپىنىڭ ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىشىدا، ئادىلجان ئايرىلغىنىغا 16يىل بولغان قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى