باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.05.07 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، بىرەسمىي مەمۇرىي ئىجازەتلەرنى تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ياساش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى سېتىۋالغانلارغا شەخسىي تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، بايلىقتىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكىسيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چەكلەيدىغان «توسالغۇ»، ئىش قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «قېيىن نۇقتا»، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى «خىرە نۇقتا»لارنى تۈگىتىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ تەستىقلاش ئىشلىرىنى تۆۋەنگە يەنىمۇ بېرىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ساقلاپ قالغان بارلىق تەستىق تۈرلىرىنىڭ تەرتىپىنى ئاشكارىلاپ، تەستىقلاش ۋاقىت چەكلىمىسىنى قىسقارتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركەز يەرلىكنىڭ ئىجرا قىلىشىغا چۈشۈرگەن تەستىق تۈرلىرىدىن 200 دىن ئارتۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە مەمۇرىي فۇنكىسيەنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھوقۇق تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە مەجبۇرىي خاراكتېرلىك ۋاسىتىچى مۇلازىمەتلەرنىڭ مۇندەرىجە تىزىملىكىنى تۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، يۇقىرىغا يوللاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، توردا تەستىقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى بېكىتىشنى قىسقارتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجە تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. «ئىمتىھان بىلەن تەربىيەلەش ئۆز ئارا باغلىشىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ھەق ئېلىشنى رەتكە سېلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجرا قىلىشتا ئاساس بولماسلىق، ھوقۇقىدىن ھالقىپ شىركەت قۇرۇش ياكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈش، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتەك ھەق ئېلىش فوندىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ياكى توختىتىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك، مەركەز تارماقلىرى ۋە ئورۇنلار شۇنداقلا ئۆلكە دەرىجىلىك ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش كېرەك. بەشىنچى، سودا ئىشلىرىنى تىزىملاشنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»، «بىر رەسىمگە بىر كود بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ھېسابتىن ئۆچۈرۈش تىزىملىكىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئۇقتۇرۇشنى «مەملىكەت بويىچە بىر تورلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنى ئىسلاھاتتىن مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھاسىلاتقا ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر