باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادتا بەزى كىشىلەر ئۆيلىرىنى بولۇشىغا سېتىپ تۈركمەنىستاندىن ئايرىلماقتا

2015.05.06 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباد شەھىرىدە ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن چۈشتى. بۇرۇن 150مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىدىغان ئۆيلەرنى ھازىر 110 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىلا ئالغىلى بولىدۇ. ئۆينى بۇنداق ئېلىشىغا سېتىۋاتقانلار تۈركمەنىستان ۋە رۇسىيەنىڭ قوش تەۋەلىكى بار كىشىلەر. ئۇلار رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەچكە، تۈركمەنىستاندىن ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ماكانىغا قايتماقتا.

  يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 18-ماي، تۈركمەنىستان بىلەن رۇسىيە ئىمزالىغان قوش تەۋەلىك كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى توشىدۇ. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركمەنىستاندا ياشاۋاتقان كىشىلەر رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئىگە بولسا بولاتتى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۈركمەنىستان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالار ۋىزىسىز ساياھىتىنى رەت قىلغان. ھازىرغىچە تۈركمەنىستان ۋىزىسى ئېلىش ناھايىتى تەس. كىشىلەر تۈركمەنىستاننىڭ ۋىزا بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ ۋىزا بېجىرگەندە، ئۇلار جەزمەن ۋىزا بېرىمىز دەپ كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. تۈركمەنىستاندىن باشقا دۆلەتلەرگە كەتكەن سابىق تۈركمەنىستان پۇقرالىرىمۇ ۋەتىنىگە قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىملىرىگە قاتناشماقچى بولسىمۇ ۋىزا بېجىرىشى ناھايىتى تەس.

  قوش تەۋەلىك بولسا ۋىزا كەچۈرۈم بولىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئامال قىلىپ رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئەمما رۇسىيە پاسپورتىغا ئېرىشكەن ھەممە كىشىنىڭ مەقسىتى رۇسىيەگە كۆچۈپ كېتىش ئەمەس، بەزىلەر رۇسىيەدە خىزمەت قىلىدۇ، بەزىلىرى ئوقۇيدۇ. رۇسىيەگە كېتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كىشىلەر توسالغۇسىز ھالدا تۈركمەنىستانغا كېلىپ ئاتا-ئانا ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىيالايدۇ.

  بۇنداق ئەھۋال تۈركمەنىستان دائىرىلىرىنى نارازى قىلدى. دەسلەپتە، زۇڭتۇڭ نىيازوف قوش تەۋەلىكى بار كىشىلەرنى سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇندى، 2003-يىلى يازدا ئۇ قوش تەۋەلىك كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ تۈركمەنىستاندا نەچچە ئون مىڭ كىشىنى ساراسىمىگە سالدى. شۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر مال-بىساتىنى تاشلاپ، ئۆيلىرىنى بەش مىڭدىن ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئەرزان ساتتى. ئەمما رۇسىيە دائىرىلىرى قوش تەۋەلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋاقتىنى ئاخىرى ئوڭۇشلۇق كېچىكتۈردى.

  تۈركمەنىستان ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇسۇلى تېخىدىنمۇ كۈچلۈك بولدى، تۈركمەنىستان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئاساسى قانۇندا، تۈركمەنىستان ئۆز دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ باشقا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇشىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. تۈركمەنىستان يەنە يېڭى نۇسخىدىكى پاسپورتنى يولغا قويۇپ، باشقا دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغانلارغىلا تارقىتىپ بەردى.

  ئاخىرى 2003-يىلى ئىيۇندىن كېيىن رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن تۈركمەنىستانلىقلار بىلەن باشقا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن كىشىلەر ئوخشاشلا يا تۈركمەنىستان پاسپورتىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ، تۈركمەنىستانغا خالىغانچە قايتالماسلىق ياكى بولسا باشقا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىپ، تۈركمەنىستاندا قېپ قېلىشتىن ئىبارەت قوش تاللاشقا دۇچ كەلدى.

  كىشىلەر رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى لېكىن رۇسىيەدىن جاۋاب چىقمىدى، شۇڭا ئۇلار ھازىر يۈك تاقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا. شۇڭا، بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىككى ئېغىزلىق ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 120مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 75 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئوخشاش تۇرالغۇ ئۆينىڭ باھاسى ئەسلىدىكى 110 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ھازىرقى 85 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى. ئۈچ ئېغىزلىق ئوينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 110 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى.

  2013-يىلى تۈركمەنىستان «ئاممىۋى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش قانۇنى»نى ماقۇللىدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇن يولغا قويۇلمىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر رۇسلارنىڭ ئايرىلىشىنى كۈتمەكتىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەتلەردىكى ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان رۇسلار ئاللىبۇرۇن تۈركمەن تىلىنى ئۆگىنىپ بولغان، چۈنكى بارلىق ھۆججەتلەر تۈركمەن تىلىدا يېزىلىدۇ، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردىكى بالىلارمۇ ئوخشاشلا تۈركمەنچە كىيىنىدۇ.

  كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، نۇرغۇن تۈركمەنلەرمۇ رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى تۈركمەنىستاندىن رۇسىيەگە كەتتى ياكى كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر