باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە ئورگىنى گېرمانىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

2015.05.08 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە قانتى يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولغان فىرانسىيە دۆلەتلىك خەلق ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەھلىل ئىدارىسى 6-ماي دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ ياردەمچى ئۇچقۇچىسى رۇبىسنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش قېلىپىدا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاننىڭ چارلاش ئېگىزلىك چېكىنى قەستەن ئۆزگەرتكەنلىكتىن، ئايروپىلاننىڭ تېزدىن تۆۋەنلەپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

  بۇ يىل 24-مارت رۇبىس تۇرۇشلۇق ئايروپىلان گۇرۇپپىسى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلغان گېرمانىيە قانتى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونادىن گېرمانىيەنىڭ دۇسسېلدوفقا كېتىۋاتقاندا فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 144 يولۇچى ۋە 6 ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر