باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ روسىيە تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەلگۈسىنى يۈزلىنەيلى

2015.05.08 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ۋە روسىيەدە زىيارەتتە بولۇشنىڭ ھارپا كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ روسىيەنىڭ «روسىيە گېزىتى»دە «تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ9-ماي، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن روسىيە فېدېراتسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن موسكۋاغا بېرىپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىگە قاتناشتىم ۋە روسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، روسىيە خەلقى ۋە دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇقەددەس بايرامنى تەبرىكلىدىم.

  تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق، فاشىزم ۋە مىلىتارىزم قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى جۇڭگو، روسىيە قاتارلىق ياۋروپا-ئاسىيا رايونلىرى ۋە باشقا رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئاممىغا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاپەت ۋە تالاپەت ئېلىپ كەلدى. ئاشۇ مەيدان ئادالەت بىلەن رەزىللىك، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ئەركىنلىك بىلەن قۇللۇقتىن ئىبارەت ئالاھىدە كۈرەشتە، جۇڭگو، روسىيە قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت خەلقى، دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق خەلق بىرلىشىپ، خەلقئارا فاشىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ قانلىق جەڭ قىلىپ، ۋەھشىي تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈردى.

  روسىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپادىكى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى. روسىيە خەلقى ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 27 مىليون كىشىنى قۇربان قىلىشتەك ئېغىر بەدەل تۆلىدى، ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك يارىلانغان، قازا قىلغانلار بار. پانفېروۋدىكى 28 ئەزىمەت، مەتروسوف، زويا قاتارلىق بىر تۈركۈم باتۇر ئوغۇل-قىزلار ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئابرۇيى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئادىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن يەر-جاھاننى تەسىرلەندۈرىدىغان جەڭ داستانلىرىنى يازدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر