باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىزاڭنىڭ رىكازې، ئالى قاتارلىق جايلىرىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم يوليۇرۇق بەردى

2015.05.07 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يارىلانغانلارنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدىلى كېچياڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەستىقىي يوليورۇق بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىزاڭنىڭ رىكازې، ئالى قاتارلىق رايونلىرىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يەنە بىر قېتىم مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم كۈچنى-كۈچكە ئۇلاپ، ئاپەتكە ئۇچراپ قاپسىلىپ قالغانلارنى ئاختۇرۇپ تېپىش، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېز رېمونت قىلىش، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ، بولۇپمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  نېپالدا 25-ئاپرېل 8.1 بال يەر تەۋرەپ ھەم ئارقىدىن قالدۇق يەر تەۋرەپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رىكازې ۋە ئالى قاتارلىق چېگرا رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى، 6-ماي سائەت 17 گە قەدەر، 26 كىشى قازا قىلدى، ئۈچ كىشى يوقاپ كەتتى، 856كىشى يارىلاندى، 300 مىڭغا يېقىن كىشى ئاپەتكە ئۇچراپ، 2699 ئېغىز ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، بىر ئىبادەتخانا ئۆرۈلدى، 39 مىڭ 943 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ۋە 242 ئىبادەتخانا، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئۆيلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر