باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېۋە قۇرۇتۇش ئۆيى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى

2015.05.14 10:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ: ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ باغ-ئورمانچىلىق كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، نۆۋەتتە، باغ ئورمانچىلىق دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈرۈك كەسىپكە ئايلاندى. شۇ سەۋەبلىك باغۋەنلەرنىڭ مېۋىلەرنى قۇرۇتۇپ ساقلاش ئەسلىھەلىرىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشماقتا. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىچىدە جەنۇبى شىنجاڭدىكى بەش ئوبلاستتا، 3000 يۈرۈش مېۋىلەرنى شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ ساقلاش ئۆيى سېلىشنى پىلانلىدى، ئونسۇ ناھىيەسىدىمۇ بۇ خىزمەتنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇتۇش ئۆيلىرىنى سېلىشنى باشلىدى. يېقىندا ياغاچ غوللۇق ئاشلىق ـ ماي ئورمانچىلىق مەيدانى قۇرۇتۇش ئۆيلىرىنى سېلىش خىزمىتىنى ئاساسەن تاماملاپ بولدى.

  بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن ۋېي شاۋچاڭ ياغاچ غوللۇق ئاشلىق ـ ماي ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇ 10يىلدىن بۇيان، 30 مو ياڭاقلىق بېغىدا 185-نومۇر ۋە يېڭى 2-نومۇرلۇق ياڭاق سورتىنى ئۆستۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يىغىۋىلىنغان ياڭاقنى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتاتتى، قۇرۇتۇلغان ياڭاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ يامان ئەمەس ئىدى، بىراق ھەر يىلى قۇرۇتىدىغان مەزگىلدە، ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، ياڭاقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، ئورۇنسىز زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە مەيداننىڭ قۇرۇتۇش ئۆيلىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چېھرىدە شادلىق جىلۋىلەندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇپ ساقلاش ئۆيىنى دېھقانلار ئۆز ئالدىغا ياكى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ سالسا بولىدىكەن، ئونسۇ ناھىيەسى بۇ يىل قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 114 يۈرۈش سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 90 يۈرۈشنى تاماملاپ بولغان، ھەر بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشنىڭ تەننەرخى 75 مىڭ يۈەن بولۇپ، دۆلەت ھەر بىر يۈرۈش قۇرۇلۇش ئۈچۈن 55 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىدىكەن، بۇ خىل تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، بىر تەرەپتىن دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادى بېسىمىنى يىنىكلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر