باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.05.14 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 13-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى جامائەت مەھسۇلاتىنى كۆپەيتىش ۋە جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە مۇجەسسەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلۋاغلىق تور قۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ساقلانما مەبلەغنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، كرېدىت مۈلكىنى ئاكسىيەلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ تارماقلار ۋە جايلاردا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلۋاغلىق تور قۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، يەنە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، «ئالاقە تورى +» ھەرىكىتىنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمال قىلىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، تېلېگراف كارخانىلىرىنى سۈرئەتنى ئاشۇرۇش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش لايىھەسى-پىلانلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز ئېلان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەڭ بەلۋاغ تورىنىڭ سۈرئىتىنى ھەقسىز ئاشۇرۇش ئارقىلىق شەھەرنىڭ كەڭ بەلۋاغقا كىرگۈزۈش ئوتتۇرىچە سۈرئىتىنى ٪40تىن يۇقىرى ئاشۇرۇپ، ھەق ئېلىش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېقىم مىقدارىنى نۆلگە چۈشۈرۋەتمەسلىك، ئېقىم مىقدارىنى ھەدىيە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئوپتىك تالالىق ئالاقە يوللىرىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش ۋە كەڭ بەلۋاغلىق تورنى يېزا-كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوپتىك تالالىق تور شەھىرى ۋە 4-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر