جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ماي چۈشتىن كېيىن شىئەندە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.
مۇدى شۈ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىئەنگە يېتىپ بېرىپ جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىدى. شىئەندە مودىنىڭ سەپىرى مول، زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مېھمانخانىغا بېرىپ ئارزاق دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ چىنشىخۇاڭ لەشكەر ئات ھەيكەللىرى، داشىڭشەن بۇتخانىسى قاتارلىقلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
كېيىنكى ئۈچ كۈندە قەدىمىي شەھەر شىئەندىن پايتەخت بېيجىڭغىچە، ئاندىن پۇل-مۇئامىلە مەركىزى شەڭخەيگىچە مۇدى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەر قايسى جەھەتتىن ئۇچرىشىدۇ.
بۇ مۇدىنىڭ زۇڭلى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى. سىرتتىكىلەر: مۇدى بۇ قېتىمقى جۇڭگودىكى زىيارىتىدە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشتى.