باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا كوچا ئاپتوبۇسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 43 كىشى قازا قىلدى

2015.05.14 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان ساقچى تەرەپ 13-ماي مۇنداق دېدى: پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كاراچى شەھىرىدىكى بىر كوچا ئاپتوبۇسى شۇ كۈنى چۇشتىن بۇرۇن سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 43 كىشى قازا قىلدى، 13 كىشى يارىلاندى. شۇ يەردىكى ساقچىلار مۇنداق دېدى: ھۇجۇم قىلىش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلەردە يۈز بەردى. قوراللىق ئالتە كىشى ئۈچ موتسىكىلىت بىلەن كوچا ئاپتوبۇسنى توسقان، ھەمدە ئاپتوبۇسىغا چىقىپ شوپۇر بىلەن يولۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئارقىدىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇستا 60 دىن كۆپرەك يولۇچى بولۇپ، شۇ يەردىكى شىئە مەزھىپىدىن بولغان مۇسۇلمانلار ئىكەن. پاكىستان زۇڭلىسى شېرىپ شۇ كۈنى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر