باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بۇ يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدە مەملىكەت بويىچە بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2015.05.14 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 13-ماي «گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە كۈنىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇش بويىچە، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەملىكەت بويىچە بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2015-يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركەز ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى تارماقلار ئۆتكۈزىدىغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەملىكەت بويىچە بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن، دەم ئېلىش ۋاقتى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەلدى: 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا 9-ئاينىڭ 3-كۈنى (پەيشەنبە) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى (جۈمە) تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 6-كۈنى نورمال ئىشقا چۈشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر