باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
يازغۇچى ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان 1966- يىلى ئاقسۇ شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن، 1986-يىلى خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنىكومىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. 1992- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان. خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ تاكى 2014-يىلى 7-ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلغان. تىل – ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، سىنىپ مۇدىرى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

ھېكايە>>>

سۈرەتلەرة







بەختلىك ئائىلە>>>


يازغۇچى ئەدىبلەر بىلەن بىللە>>>


زىيارەت - سۆھبەتلەردە>>>