ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى جون ئۇدا يېرىم يىل ئوخشىمىغان تۈردىكى غەربچە تېز تائام يەپ تەخمىنەن 25 كىلوگىرام ئورۇقلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇقلىغان جون ‹‹ مېنىڭ تېز تاماق يەپ ئورۇقلاش ئۇسۇلۇم ›› دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. جون بۇ كىتابىدا ئۆزىنىڭ كۈنىگە ئىستېمال قىلغان تاماقلىرىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ھەرگىزمۇ 2000 كاراتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، كۈنىگە يەنە 45 مىنۇت توختىماي ماڭىدىغانلىقىنى يېزىپ، ئالدىنقى ئۈچ ئايدىلا 17 كىلوگىرام ئورۇقلىغانلىقىنى ئېيتىقان.