باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن «2015-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەستىقلىدى

2015.05.19 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «2015-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تەستىقلىدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىلى بولۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ ۋە ئۇنى يېتەكچى قىلىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ئارقىلىق مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېلان قىلىنغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، بازارنى جانلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بىر تۈركۈم يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەسىلە يېتەكچىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە بىلەن ئاساسىي قاتلامدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ئاڭلىق قوللىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىلەرنى تېز قولغا كەلتۈرۈپ، تېز ئۈنۈم كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر